« دانىيال »

5

تامدىكى سىرلىق يازما

1پادىشاھ بېلشاززار زامانىدا، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى* 2بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەجدادى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى. 3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن شاراب ئىچىشتى. 4ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.

5شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئادەم قولى پەيدا بولۇپ، ئوردىدىكى چىراغنىڭ نۇرى چۈشكەن ھاكلانغان تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ، 6ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى. 7پادىشاھ ۋارقىراپ، پالچىلارنى، باخشىلارنى ۋە مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ بابىلنىڭ ھۆكۈمالىرىغا مۇنداق دېدى:

_ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىنىدۇ.

8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق ھۆكۈمالىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى. 9پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

10خاننىڭ ئانىسى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ، رەڭگىلىرى ئۆڭۈپ كەتمىسۇن! 11پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا، بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەرلەر، پالچىلار، باخشىلار ۋە مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 12بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ.

دانىيالنىڭ تامدىكى خەتنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىشى

13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟ 14ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك، دانا ئىكەنسەن. 15مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈمالار ۋە پالچىلارنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار ھېچنېمە دېيەلمىدى. 16مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.

17ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ سوۋغىلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي. 18پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى. 19خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى. 20ئەمما ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى. 21ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ھايۋانلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

22ئى پادىشاھ بېلشاززار، سىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى، سىلى گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلسىلىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى بىلەلمىدىلە. 23سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. 24شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى. 25تامغا: «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش* » دەپ يېزىلغاندۇر. 26بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر:

سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى،

27ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، نېسىۋىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى،

28بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

29شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى، ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.

30دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى. 31مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوش 62 ياشلاردا ئىدى.



*1بۇ ۋەقە پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆلۈمىدىن 23 يىل كېيىن يۈز بەرگەن.

*25سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش _ ئارامىي تىلىدا مىنە، مىنە، تىقەل، پارسىن دەپ يېزىلغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى