« چۆلدە »

8

يەتتە چىراغنى ئورۇنلاشتۇرۇش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن».

3ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. 4پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە چىراغدان پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. مانا بۇ چىراغداننىڭ ياسىلىشىدۇر.

لاۋىيلارنىڭ پاكلىنىشى ۋە خۇداغا بېغىشلىنىشى

5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

6_ لاۋىيلارنى ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇلارنى پاكلىغىن. 7لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ. 8ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. سەن ئۆزۈڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلگىن. 9پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى جەم قىلىپ، لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگىن. 10لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىللار قوللىرىنى لاۋىيلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن. 11ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ماڭا بېغىشلىسۇن. 12لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن. 13سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن يۈزمۇيۈز قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويغىن. ھارۇن لاۋىيلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلىسۇن. 14شۇنداق قىلىپ لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن ئايرىۋالغىن. شۇندىلا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. 15لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ.

16ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم. 17ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرى مەيلى ئىنسان ياكى چارۋا مال بولسۇن، ماڭا تەئەللۇقتۇر. چۈنكى مەن مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ھالاك قىلغان كۈنى، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. 18مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويدۇم. 19مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.

20مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 21لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى. 22ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.

23پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:

24_ لاۋىيلار ئارىسىدا مۇنداق قائىدە بولسۇن: لاۋىيلار 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمەتكە قويۇلسۇن. 2550 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن. 26ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى