« چۆلدە »

33

مىسردىن ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان سەپەر

1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر. 2مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر.

31-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى. 4ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى.

5ئىسرائىللار رەمسېستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۇككوتتا قارارگاھ قۇردى.

6سۇككوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۆل بويىدىكى ئېتامدا قارارگاھ قۇردى.

7ئېتامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بائال-زىفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروتقا قايتىپ، مىگدولنىڭ يېنىدا قارارگاھ قۇردى.

8پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى.

9ماراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى.

10ئېلىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدا قارارگاھ قۇردى.

11قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىن چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.

12سىن چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دوفقاھتا قارارگاھ قۇردى.

13دوفقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالۇشتا قارارگاھ قۇردى.

14ئالۇشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىفىدىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە خەلققە سۇ يوق ئىدى.

15رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.

16سىناي چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىبروت-ھاتتائاۋادا قارارگاھ قۇردى.

17قىبروت-ھاتتائاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خازېروتتا قارارگاھ قۇردى.

18خازېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىتماھتا قارارگاھ قۇردى.

19رىتماھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىممون-پارەزدە قارارگاھ قۇردى.

20رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى.

21لىبناھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىسساھتا قارارگاھ قۇردى.

22رىسساھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىھېلاتادا قارارگاھ قۇردى.

23قىھېلاتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەفەر تېغىدا قارارگاھ قۇردى.

24شەفەر تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاراداھتا قارارگاھ قۇردى.

25خاراداھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماقخېلوتتا قارارگاھ قۇردى.

26ماقخېلوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاخاتتا قارارگاھ قۇردى.

27تاخاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەراھتا قارارگاھ قۇردى.

28تەراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىتقاھتا قارارگاھ قۇردى.

29مىتقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاشمونادا قارارگاھ قۇردى.

30خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېروتتا قارارگاھ قۇردى.

31موسېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى.

32بىنە-يائاقاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خور-ھاگگىدگادتا قارارگاھ قۇردى.

33خور-ھاگگىدگادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يوتباتادا قارارگاھ قۇردى.

34يوتباتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابرونادا قارارگاھ قۇردى.

35ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.

36ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.

37كادېشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىدومنىڭ چېگراسىدىكى ھور تېغىدا قارارگاھ قۇردى.

38ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. 39ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى.

40كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراد پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.

41ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى.

42زالمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پۇنوندا قارارگاھ قۇردى.

43پۇنوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى.

44ئوبوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موئاب چېگراسىغا جايلاشقان ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمدا قارارگاھ قۇردى.

45ئىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دىبون-گادتا قارارگاھ قۇردى.

46دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى.

47ئالمون-دىبلاتايىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىنىڭ ئالدىدا قارارگاھ قۇردى.

48ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. 49ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى.

50ئېرىخانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

51_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، 52ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار. 53سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ياشاڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلىپ بەردىم. 54جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بېرىڭلار. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلسۇن. 55ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ. 56ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولسام، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا شۇنى سالىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى