« چۆلدە »

31

مىديانلاردىن قىساس ئېلىش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن.

3مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى:

_ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز. 4ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقىرىشى كېرەك.

5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي 12 مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى. 6مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى. 7ئۇلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمر بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى. 8بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى. 9ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن كالا-قوي پادىلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى. 10ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ، 11ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى. 12ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.

13مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. 14لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىقلىرى بولغان مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ، 15مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟ 16دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟ 17ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. 18لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ. 19ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن. 20شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.

21روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى:

_ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر: 22ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق 23ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. 24يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ.

25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

26_ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار. 27ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىملەپ بېرىڭلار. 28لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، 29روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. 30خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.

31مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى. 32جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە 675,000‏ قوي، 33‏72,000 كالا، 3461,000 ئېشەك، 3532,000 ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى.

36جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: 337,500 قوي، 37بۇلاردىن 675 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 3836,000 كالا، بۇلاردىن 72 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 3930,500 ئېشەك، بۇلاردىن 61 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 4016,000 ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن 32 نەپىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالدى. 41مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا بەردى.

42مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا بەردى. 43بۇلار 337,500 قوي، 4436,000 كالا، 4530,500 ئېشەك، 4616,000 ئىپپەتلىك قىز ئىدى. 47مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى.

48قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىقلىرى بولغان مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ:

49_ بىزكى خىزمەتكارلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ. 50ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزدىن ساقىت بولۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى.

51مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 52مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرغان ئالتۇنلار 200 كىلو ئىدى. 53لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئولجىلىرىنى ساقلاپ قالدى. 54ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى