« چۆلدە »

27

قىزلارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى

1بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. 2ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:

3_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى. 4ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.

5مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى. 6پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

7_ زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ زېمىنىدىن بىر ئۈلۈش ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاتىسىنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلغىن. 8سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەگەر ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىسا، زېمىنىغا قىزى ۋارىسلىق قىلسۇن. 9ئەگەر قىزىمۇ بولمىسا، ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. 10ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسا، چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. 11ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.»

يوشۇۋانىڭ يولباشچى بولۇشى

12پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن. 13ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن. 14چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.)

15مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

16_ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن، 17ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.

18پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن. 19ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن. 20سەن ھوقۇقۇڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. 21بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.

22مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى. 23ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى