« چۆلدە »

12

مەريەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارشى سۆزلىشى

1مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى. 2ئۇلار:

_ پەرۋەردىگار يالغۇز مۇسا ئارقىلىقلا سۆزلەرمۇ؟! ئەجەبا، ئۇ بىز ئارقىلىقمۇ سۆز قىلماسمۇ؟ _ دېيىشتى.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 3(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.) 4بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە:

_ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى. 5پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا، 6پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن. 7لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر. 8مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟

9پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ، كېتىپ قالدى. 10بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى. 11ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ:

_ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. 12مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.

13شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:

_ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دېدى.

14پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن:

_ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى. 16كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى