« مىسىردىن چىقىش »

31

ئىبادەت جايى ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭ تاللىنىشى

1پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدىم. 3مەن ئۇنى ئۆز روھىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم. 4ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 5قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش، ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ.

6مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم. شۇنىڭدەك، بارلىق ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرگىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مەن تاپىلىغان نەرسىلەرنى ياساش قابىلىيىتىنى بەردىم. 7ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى: پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ھەم چېدىر ئىچىدىكى بارلىق سايمانلارنى، 8شىرە ۋە شىرەنىڭ سايمانلىرىن ى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان ۋە چىراغداننىڭ سايمانلىرىنى ھەمدە ئىسرىقدان، 9كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سۇپىدىكى بارلىق سايمانلارنى، شۇنداقلا پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ياساش، 10ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىش، 11مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىق ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن.

دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق رىئايە قىلىش

12-13پەرۋەردىگار مۇساغا ئىسرائىللارغا مۇنۇلارنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى:

_ سىلەر مەن بەلگىلىگەن دەم ئېلىش كۈنىگە چوقۇم قاتتىق رىئايە قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ مەن بىلەن سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر. بۇ، سىلەرنى پاك قىلغۇچىنىڭ مەن _ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ. 14سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق رىئايە قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ مۇقەددەس كۈن. بۇ كۈنگە ئەمەل قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىگەنلەر ئىسرائىل قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 15ئىش قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئالتە كۈن بار. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 16ئىسرائىللار تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بۇ كۈنگە مەڭگۈ قاتتىق رىئايە قىلسۇن. 17بۇ، مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر. چۈنكى، مەن _ پەرۋەردىگار ئالتە كۈندە پۈتۈن ئالەمنى ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىشنى توختىتىپ ئارام ئالدىم.

18خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاشقا خۇدا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى