« مىسىردىن چىقىش »

2

مۇسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. 2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. 4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.

5پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.

7بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:

_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8مەلىكە:

_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9مەلىكە بۇ ئايالغا:

_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

مۇسانىڭ مىديان دۆلىتىگە قېچىپ كېتىشى

11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12ئەتراپىغا قاراپ «باشقا ئادەم يوققۇ» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13ئەتىسى، مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە:

_ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.

14ھېلىقى كىشى:

_ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار جەزمەن بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.

15پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق، مۇسا ئۇنىڭدىن قېچىپ، مىديان دېگەن دۆلەتكە باردى.

بىر كۈنى، ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. 16مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇق بېشىغا كېلىپ، سۇ تارتىپ، ئوقۇرلارنى تولدۇرۇشاتتى. 17بۇنداق ۋاقىتلاردا، بىرقانچە پادىچى كېلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەتتى. بۇ قېتىم بولسا، مۇسا ئۇلارنى قوغدىدى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ سۇ تارتىپ بەردى. 18ئۇلار ئاتىسى رەئۇلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن:

_ بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دەپ سورىدى. 19ئۇلار:

_ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

20ئاتىسى قىزلىرىغا:

_ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتتا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

21مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپورەنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 22زىپورە بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتتىكى بىر مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

23ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەردىن قاتتىق ئازاب چېكىپ، خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەرياد ئاۋازى خۇداغا يەتتى. 24خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 25ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى