« مىسىردىن چىقىش »

17

ئۇيۇل تاشتىن چىققان سۇ

1ئىسرائىل خەلقى سىين چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سەپەر قىلىپ، رەفىدىمدە قوندى. بىراق، ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. 2شۇڭا، ئۇلار يەنە مۇسادىن رەنجىپ:

_ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگەيسىز! _ دېدى.

مۇسا ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا رەنجىيسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ _ دېدى.

3لېكىن، خالايىق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ:

_ بىزنى مىسىردىن زادى نېمىشقا ئېلىپ چىقتىڭىز؟ سىز بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ:

_ خالايىقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئېلىپ، خەلق ئالدىدىن ئۆت. قولۇڭغا نىل دەرياسىغا ئۇرغان تاياقنى ئېلىۋال. 6مەن سېنىڭ ئالدىڭدا سىناي تېغىدىكى بىر ئۇيۇل تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرىمەن. سەن ئۇيۇل تاشنى ئۇرغىنىڭدا، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغاندا، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. 7مۇسا ئۇ يەرنى ماسسا ۋە مىرىبا [مەنىسى «سىناش ۋە رەنجىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئىسرائىللار ئۇ يەردە رەنجىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.

ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش

8ئامالەكلەر رەفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 9مۇسا يوشۇۋاغا:

_ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن بولسام قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى. 10يوشۇۋا مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇرلار تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى. 11مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى. 12مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، تاكى كۈن پاتقۇچە ئىككى يېنىدا مۇسانىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى. 13شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىلىچلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

14ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. يوشۇۋاغا ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى. 15شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى. 16ئۇ:

_ پەرۋەردىگارنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن! پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلغاي، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى