« مىسىردىن چىقىش »

1

ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى

1ياقۇپنىڭ ھەرقايسى ئوغۇللىرى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا باردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى 2رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، 3ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 4دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىدى. 5ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.

6كېيىن، يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. 7شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، ئۇ يەرنى تولدۇردى ۋە خېلى كۈچىيىپ قالدى.

8كېيىن، يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 9ئۇ مىسىرلىقلارغا:

_ بۇ ئىسرائىللارنىڭ بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، بىزدىنمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراڭلار! 10ئەڭ ياخشىسى ئاقىلانە تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.

11بۇنىڭ بىلەن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن ئېزىش ئۈچۈن، ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا پادىشاھ ئۈچۈن پىتوم ۋە رەمىس ئىسىملىك تەمىنلەش مەركىزى قىلىنغان شەھەرلەرنى سالدۇردى. 12لېكىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، دۆلەتنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. بۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، 13ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 14مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.

15مىسىر پادىشاھى يەنە سەخرا ۋە پۇۋا ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي* تۇغۇت ئانىسىغا:

16_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.

17لېكىن، بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى. 18شۇڭا، پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ:

_ بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

19ئۇلار:

_ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 20-21تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆز ئائىلىلىرىنى قۇرۇش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى.

22بۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى پۈتۈن پۇقرالىرىغا:

_ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بالىلارنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.



*15ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى