« ئايۇپ »

24

ئايۇپ: خۇدا رەزىللەرنى قاچان جازالىغان؟

1ھەممىگە قادىر خۇدا نېمىشقا سوئال-سوراق كۈنىنى بەلگىلىمەيدۇ؟

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار ساقلىتىدۇ؟

2رەزىللەر پاسىل تېشىنى يۆتكىۋېتىپ، يەرنى ئېلىۋالىدۇ،

قويلارنى ئوغرىلاپ، ئۆز پادىلىرىغا قوشۇپ باقىدۇ.

3ئۇلار يېتىملارنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ،

تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.

4ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن ھەيدىۋېتىدۇ،

زېمىندىكى يوقسۇللارنى يوشۇرۇنۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

5نامراتلار بالا-چاقىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن

گويا ياۋا ئېشەكلەردەك،

چۆل-باياۋانلاردىن ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

6ئۇلار ئېتىزلاردىكى قالدۇق زىرائەتلىرىنى ئورۇۋالىدۇ،

رەزىللەردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى تېرىۋالىدۇ.

7ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ،

ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق.

8ئۇلار تاغ يامغۇرلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتسە،

قىيا تاشلارنى دالدا قىلىدۇ.

9رەزىللەر تۇل خوتۇنلارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ،

نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ.

10ئۇلارنىڭ كىيىمى يوق، ئۇلار يالىڭاچ ھالدا سەرسان بولىدۇ،

ئاچ قورساق ھالدا بۇغداي باغلىرىنى توشۇيدۇ.

11ئۇلار رەزىللەرنىڭ زەيتۇنلۇقىدا ياغ تارتىدۇ،

ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ شاراب چىقىرىپ، چاڭقاپ كەتسىمۇ،

ئۆزلىرى ئىچەلمەيدۇ.

12شەھەردىن سەكراتتىكىلەرنىڭ نىدالىرى ئاڭلىنىدۇ،

ياردەم تەلەپ قىلغان يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

لېكىن خۇدا رەزىللەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ.

13يورۇقلۇق بىلەن قارشىلىشىدىغان رەزىللەر بار،

ئۇلار پارلاق يولنى تونۇمايدۇ،

ھەم پارلاق يولدىمۇ ماڭمايدۇ.

14قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ،

نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ،

كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.

15زىناخورلار قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتىدۇ،

ئۇلار ‹بىرسى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن› دەپ

يۈزلىرىنى يۆگىۋالىدۇ.

16ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ،

كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ.

17تاڭ نۇرى ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىكتۇر،

كېچىنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ دوستى بولىدۇ.

18رەزىللەر سېسىق سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ يەرلىرى قارغىشقا قېلىپ،

ھېچكىم ئۈزۈمزارلىقلىرىغا بارمايدۇ.

19قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق خۇددى قار-مۇزلارنى ئېرىتىپ كەتكەندەك،

گۆرمۇ گۇناھكارلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ.

20ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ،

تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ.

ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ،

رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.

21رەزىللەر تۇغماس، بالىسىز ئاياللارنى خورلايدۇ،

تۇل خوتۇنلارغا شەپقەت قىلمايدۇ.

22قۇدرەتلىك خۇدا بۇ رەزىل ھوقۇقدارلارنى سۈرۈپ ئەكېتىدۇ.

خۇدا ئۇلارغا قارشى قوزغالسا، ئۇلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ.

23خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ،

لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

24ئۇلار قارىماققا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تېزلا غايىب بولىدۇ،

ئۇلار يەرگە ئۇرۇلۇپ، باشقىلاردەك ھالاك بولىدۇ.

خۇددى باشاقلاردەك ئورۇپ كېتىلىدۇ.

25مېنىڭ دېگەنلىرىم ئەمەلىيەتتۇر، قېنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟

قېنى كىم دېگەنلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى