« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

4

ئىبادەتخانىنىڭ بۇيۇملىرى

1سۇلايمان ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى.

2ئۇ يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدۇردى. 3تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان، ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە بۇقا قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى. 4داڭقان 12 تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى. 5داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 66 توننا سۇ سىغاتتى.

6سۇلايمان يەنە ئون دانە داس ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدۇردى. ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. تۇچ داڭقاندا روھانىيلار پۇت-قولىنى يۇياتتى.

7سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. 8ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغانغا يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى.

9ئۇ، روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى. 10داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرغۇزدى.

11ھۇرام يەنە كۈل ئالىدىغان قاچا، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى. 12ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

ئىككى تۈۋرۈك،

تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى،

قاچا شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،

13تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.)

14ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى تۇچ داس،

15داڭقان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

16قاچا، گۈرجەك ۋە ئارا.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى. 17پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى. 18سۇلايمان ياساتقان نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.

19سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئالتۇن ئىسرىقدان،

خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى تىزىدىغان شىرەلەر،

20ساپ ئالتۇن چىراغدانلار ۋە چىراغلار، (بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن چىراغلار ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.)

21ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدانلارنىڭ گۈللۈك نەقىشلىرى، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار،

22ساپ ئالتۇندىن ياسالغان پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە چوغدانلار،

ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرى خانىنىڭ ۋە تاشقىرى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدىكى ئالتۇن ئىشىكلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى