« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

32

ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ يېرۇسالېمغا تەھدىت سېلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەگە باستۇرۇپ كەلدى. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قورشاۋغا ئالدى. 2پادىشاھ خىزكىيا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغىمۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، 3ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلدى. خىزكىيا شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسى بولغان بۇلاقلارنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى. 4شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زور مىقداردا ئادەم توپلاپ، بارلىق سۇ مەنبەلىرى بولغان بۇلاقلارنى ۋە دالاغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىننى توسۇپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا يېتەرلىك سۇ قالدۇرمىدى. 5خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى. 6ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى:

7_ سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار. ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زور قوشۇنىدىن قورقماڭلار، ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى بىزگە يار بولغۇچى ئۇنىڭغا يار بولغۇچىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىكتۇر. 8ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسانىي قۇدرەت بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.

خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالدى.

9شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قامال قىلغان ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:

10_ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمەڭلارغا تايىنىپ، يېرۇسالېم قورشاۋىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىسىلەر؟ 11پادىشاھىڭلار خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. 12پادىشاھىڭلار خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئاللىقاچان ۋەيران قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟ 13ئەجەبا سىلەر مېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ 14مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەلتۆكۈس يوقاتقان ئەللەرنىڭ ئىچىدە قايسى ئەلنىڭ ئىلاھلىرى خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارمۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالارمۇ؟ 15شۇڭا سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار ھەم ئىشەنمەڭلار. خىزكىيا سىلەرنى ئازدۇرىۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان تۇرسا، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟»

16ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنە باشقا سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان خىزكىيانى ھاقارەتلىدى.

17سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى.

18ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىبرانىي تىلىدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى يېرۇسالېملىقلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ۋەھىمىگە سېلىپ، شەھەرنى ئېلىشقا ئاسانلىق ياراتماقچى بولدى. 19ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى.

20شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى. 21پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قارارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى، سەركەردىلىرى ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 22شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرىنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى. 23يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، يېرۇسالېمغا ھەدىيە ئەكەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغات قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

خىزكىيانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىشلار

24ئۇ ۋاقىتتا خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈندى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭغا ساقىيىش ھەققىدە بىر بېشارەت ئاتا قىلدى. 25ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا خۇدا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزەپ ياغدۇردى. 26كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇقىغا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى.

27خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئۇ ئامبار ياسىتىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ساقلىدى. 28ئۇ يەنە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ئۈچۈن ئامبارلارنى ياساتتى. ھەر خىل چارۋا ماللار ئۈچۈن ئېغىللار سالدۇردى، قويلىرىنى ئېغىللاردا باقتى. 29ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى. 30خىزكىيا يۇقىرىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنىدى. 31بىراق بابىل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ يەردە كۆرگەن بېشارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى.

32خىزكىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي»سىگە پۈتۈلگەندۇر. 33خىزكىيا ۋاپات بولدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ تۆرىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى