« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

30

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگىمۇ مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى. 2پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە 2-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى. 3ئۇلار 1-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمەيتتى، سەۋەبى ئۆزلىرىنى پاكلىغان روھانىيلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. جامائەتمۇ تېخى يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولالمىغانىدى. 4پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇنى لايىق كۆرگەنىدى. 5شۇڭا پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى بەئەرشەبادىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى خېلى ۋاقىتتىن بېرى پۈتۈن خەلق بىر يەرگە جەم بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.

6چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ. 7سىلەر ئەجدادىڭلاردىن، قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى. 8ھازىر سىلەر ئەجدادىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇنىڭ قەھر-غەزىپى سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. 9ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمەننىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە مېھرىباندۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.

10چاپارمەنلەر بۇ چاقىرىقنى ئەفرايىم ۋە ماناسسەدىن تارتىپ تاكى زەبۇلۇنغىچە يەتكۈزدى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر چاپارمەنلەرنى مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشتى. 11پەقەت ئاشېر، ماناسسە ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەمتەرلىك بىلەن چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ، يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 12پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بەرگەن پەرمانغا بويسۇندى.

پېتىر نان ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

132-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 14ئالدى بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ئىسرىقدانلارنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قىدرون جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى. 15ئۇلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلىدى. ئۆزلىرىنى 1-ئايدا پاكلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن روھانىي ۋە لاۋىيلار خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. 16ئاندىن كېيىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ قانۇنىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىپ، ئۆز جايلىرىدا تۇردى. روھانىيلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىكى قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى.

17جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، لاۋىيلار ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن تەييارلانغان ماللارنى بوغۇزلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. 18-19ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇندىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن يۈرىكى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.

20پەرۋەردىگار خىزكىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كەچۈردى.

21يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. 22خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى.

23پۈتۈن جامائەت مەسلىھەتلىشىپ، ھېيتنى يەنە يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك خۇشال-خۇراملىق بىلەن يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. 24يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 25يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى. 26پۈتۈن يېرۇسالېملىقلار شادلاندى، چۈنكى داۋۇتنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان سۇلايماندىن كېيىن يېرۇسالېمدا بۇنداق بىر تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. 27روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ سامادىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى