« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

24

يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى

1يوئاش تەختكە چىققان چاغدا يەتتە ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى. 2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3روھانىي يىھويادا يوئاشقا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى. ئۇلار يوئاشقا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى.

4شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشىتىش نىيىتىگە كەلدى. 5ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىپ كېلىڭلار. ئۇنى ھەر يىلى ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن خىراجەت قىلىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار.

لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى. 6پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:

_ سىز نېمە ئۈچۈن لاۋىيلارنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېرىپ، سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ بۇ سېلىقنى يىغىشنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە بېكىتكەنىدى، ئۇنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.

7رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەتتا ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى.

8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قويدۇرۇپ قويدى. 9ئاندىن ئۇ يېرۇسالېملىقلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بېكىتكەن سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى. 10پۈتۈن يولباشچىلار ۋە جامائەت خۇشاللىق بىلەن كېلىپ، تاكى ساندۇق تولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ كۈمۈشلىرىنى سېلىشتى. 11ساندۇق تولغان ھامان لاۋىيلار كېلىپ، ساندۇقنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىشتى. پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى ۋە باش روھانىينىڭ ۋاكالەتچىسى ساندۇقنى بوشاتقاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ، كۆپ مىقداردا كۈمۈش توپلىدى. 12پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھويادا توپلانغان كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار تاشچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى ۋە تۇچچىلارنى ياللاپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشاتتى. 13ئىشلەمچىلەر تىرىشىپ ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى. 14قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلەتتى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى.

15باش روھانىي يىھويادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 130 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 16ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى.

يوئاشنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

17باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يولباشچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى. 18ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن، خۇدا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى. 19لېكىن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى. 20خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مېنى تاشلىغانىكەنسىلەر. ئەمدى مەنمۇ سىلەرنى تاشلايمەن!»

21يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى. 22پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ دادىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا ئۆلىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.

يوئاشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

23كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا ئارراملارنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېسىپ كىردى. ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى بارلىق يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئالغان ئولجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەمەشقتىكى پادىشاھىغا ئەۋەتىپ بەردى. 24گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن ۋاز كەچكەنىدى.

25ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. 26يوئاشقا سۇيىقەست قىلغانلار شىمئات ئىسىملىك ئاممونلۇق ئايالنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن شىمرىت ئىسىملىك موئابلىق ئايالنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. 27يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئۇ ھەققىدىكى ۋەھىيلەر ۋە ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار «پادىشاھلار تەزكىرىسىگە ئىزاھاتلار»غا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى