« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

2

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىشى

1سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوردا سالدۇرۇش قارارىغا كەلدى. 2سۇلايمان تاغدا تاش قېزىش ئۈچۈن 80 مىڭ ئادەم، تاش ۋە ياغاچ توشۇش ئۈچۈن 70 مىڭ ئادەم ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 3600 ئادەمنى تاللىدى. 3سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: «سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا. 4ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇ ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىدۇر. 5مەن سالماقچى بولغان بۇ ئىبادەتخانا شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز بارلىق بۇت ئىلاھلاردىن بۈيۈكتۇر. 6ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاش خالاس. 7ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن. 8ھەم لىۋاندىن كېدىر، قارىغاي ۋە ئېسىل ياغاچلارنى ئەۋەتسىلە. خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋان تېغىدا دەرەخ كېسىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئەۋەتىمەن. 9مەن ياسايدىغان ئىبادەتخانا بەك ھەشەمەتلىك بولغاچقا، ماڭا كېرەك بولىدىغان ياغاچلارمۇ كۆپ بولىدۇ. 10مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرەي.»

11تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. 12ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. ئۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ. 13مەن سىلىگە ھۇرام ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە چېۋەر بىر ئۇستامنى ئەۋەتەي. 14ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىدىن، ئاتىسى تىرلىقتۇر. ھۇرام ئويمىچىلىققا، لايىھەلەشكە، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، تاش، ياغاچتىن نەرسە ياساشقا، نەپىس كەندىر رەختلەرنى سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەىشكە ماھىردۇر. ئۇ ئاتىلىرى داۋۇتنىڭ ئۇستىلىرى ۋە باشقا ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىسە بولىدۇ. 15سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە. 16بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن جاففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.»

17سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى. 18ئۇ بۇلاردىن 80,000 ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70,000 ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى