« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

16

ئاسانىڭ ئارراملار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى

1ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. 2شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنى دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتتى: 3«ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاق بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر ئىتتىپاق بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا، ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.»

4بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. 5باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختايتتى. 6شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكىگۈزدى ۋە بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.

پەيغەمبەرنىڭ ئاسانى ئەيىبلىشى

7شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. 8كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن قوشۇنلار چوڭ قوشۇن ئەمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئەمەسمىدى؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى. 9پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.

10ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.

11ئاسا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 12ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى ئېغىر پۇت ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ پەرۋەردىگاردىن شىپالىق تىلىمىدى، بەلكى تېۋىپلاردىنلا ياردەم تەلەپ قىلدى. 13ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 41-يىلى ۋاپات بولدى. 14خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلار ئىشلىتىپ، ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزى ئۈچۈن تاشتىن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان ياقتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى