« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

4

ئىشبوشەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. 2ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك قاراقچىلار توپلىرىنىڭ ئىككى سەركەردىسى بار ئىدى، ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى. 3بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ بېرىپ، تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

4سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقسايدىغان مىفىبوشەت* ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. يىزرىئەلدىن سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى، ئىنىكئانا ئالمان-تالمان قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، توكۇر بولۇپ قالغانىدى.

5بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى. 6كۆزەتچى ئايال بۇغداي تاسقاپ، چارچاپ كېتىپ مۈگدەپ قالغانىدى.* ئۇلار ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى. 7ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ياتىقىدا كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى ۋە كاللىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپ، ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ بىر كېچە ماڭدى.

8ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا _ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۆزلىرىنىڭ رەقىبى سائۇل ئىلگىرى جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھى ئالەمنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئالىدىغان ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.

9لېكىن داۋۇت رېكاب بىلەن بائاناغا جاۋاب بېرىپ:

_ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، 10ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگۈچى كىشى، ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ بىلگەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم. 11ئۇنداقتا، ئەيىبسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىللەرگە نېمىمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇ ئادەمنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ، مەن سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.

12داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشتى.



*4«مىفىبوشەت»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «مىفىبائال»

*6بۇ جۈملە «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ قەدىمكى گرېكچە تەرجىمىسىگە ئاساسلاندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى