« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

15

ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى

1داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە ئوردىلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ بىر چېدىر تىكتۈردى. 2ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە ھەمىشە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا دەل شۇلارنى تاللىغانىدى.

3داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 4ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى:

5قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى،

6مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى،

7گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى،

8ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى،

9ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى،

10ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى.

11داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتار ھەم لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل بىلەن ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ، 12ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىللە ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار. 13ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق، شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزىپىنى ياغدۇردى. 14شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 15لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.

16داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇراملىق ئىلكىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۈي ئېيتىشىنى تاپىلىدى. 17لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتاننى. 18ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.

19نەغمىچى ھېمان، ئاساف بىلەن ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى. 20زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 21ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 22لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى.

23بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى. 24شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا، ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى.

25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭباشلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى. 26پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 27شۇ ۋاقىتتا داۋۇت كەندىردىن نەپىس توقۇلغان تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچى لاۋىيلار، نەغمىچىلەر ۋە ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا كەندىردىن توقۇلغان تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە كەندىر رەختتىن تىكىلگەن ئېفود* كىيىۋالغانىدى. 28شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىغا ئەگىشىپ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشتى.

29پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.



*27ئېفود _ باش روھانىيلار خۇداغا خىزمەت قىلغان چاغدا كىيىدىغان كىيىم. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 28-باب، 6-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە قارالسۇن

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى