« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

31

سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى

1فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. 2فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. 3سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى، شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، قاتتىق يارىلاندۇرۇلدى. 4سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە:

_ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ سانجىپ مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى.

قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى. 5قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى.

6شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە بارلىق ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە بىللە ئۆلدى. 7يىزرىئەل جىلغىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

8ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، 9سائۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 10ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى. 11گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا، 12ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى. 13ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتا بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى