خۇدانىڭ تەمىنلىشى

« زەبۇر » 37- مۇناجات

25ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى،

كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى،

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.

26شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر،

پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر. [داۋامى]

« زەبۇر » 50- مۇناجات

10چۈنكى، مېنىڭكىدۇر ئورمانلاردىكى بارلىق ھايۋانلار،

مىڭلىغان يايلاقلاردىكى مال-ۋارانلار.

11ماڭا تەۋەدۇر تاغلاردىكى ئۇچار قاناتلار،

دالادىكى جىمى جانىۋارلار.

12سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا،

چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

9ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ 10بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 11گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

6بەش قۇشقاچنى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. 7ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە! [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

6_ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

27يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 9- باب

8خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر.

9مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ئۇ يوقسۇللارغا مەردلەرچە سەدىقە بېرەر

ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەتلىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس.»

10دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ. 11سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا تەشەككۈرلەر ئېيتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

19شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى