تىجارەت يولى

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

3ئاچ قويماس خۇدا ھەققانىيلارنى،

ئەمەلگە ئاشۇرماس يامانلارنىڭ ئارزۇسىنى.

4نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار،

بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار.

5ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان،

ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

1پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن،

خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

4ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە،

ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

11ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار،

مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

8مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن،

ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

13ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا،

يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا». [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

16قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى،

بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

27ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن،

ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

10كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ. 11ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟ 12ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قارا سانىساڭلار، ئۆز نېسىۋىڭلارنى سىلەرگە كىم بەرسۇن؟!

13ئىككى خوجايىنغا خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق چاكار يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

9ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

1ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

18چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما»، «ئىشچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

4سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى