سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

22ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

13ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر،

خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر.

14مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن،

ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

30ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال،

ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.

11بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى،

كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى.

12ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى،

ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

22ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. 23خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر. 24خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن.

25ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

18ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. 19ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

8شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. 9ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، 10بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 2- باب

3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. 4بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، 5ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.

6ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

3گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس، 4بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر