« زەبۇر »

118

1شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.

2«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ئىسرائىللار.

3«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ھارۇن جەمەتىگە تەۋە بولغانلار.

4«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.

5نىدا قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈن چۈشكەندە بېشىمغا،

نىدايىمغا جاۋابەن نىجاتلىق بەردى ماڭا.

6قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار،

نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!

7مەن تەرەپتىدۇر يۆلەنچۈكۈم پەرۋەردىگار،

كۆز ئالدىمدا مەغلۇپ بولار ماڭا ئۆچ بولغانلار.

8باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى،

ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى.

9باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى،

ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.

10قورشىۋالغان بولسىمۇ بارلىق يات ئەللەر مېنى،

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

11شۇنداق، قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ ئەتراپىمنى،

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

12قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك،

ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك.

پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

13يىقىلغىلى تاس قالغانىدىم ئىتتىرىلگەندە،

بىراق، مەن يىقىلمىدىم پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە.

14پەرۋەردىگار مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم،

بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم.

15ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا،

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

16پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا،

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

17مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن،

پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.

18مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار،

ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.

19ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا،

مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.

20دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ،

كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ.

21ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا،

چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ

نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا.

22كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا،

ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.

23پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ،

كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.

24پەرۋەردىگار ياراتقان مۇشۇ كۈندە،

خۇشاللىققا تولايلى قىلىپ تەنتەنە.

25ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، قۇتقۇزغىن بىزنى،

ئۆتۈنەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغايسەن ئىشىمىزنى.

26بەخت يار بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە،

بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە.

27پەرۋەردىگار* _ ياراتقۇچىدۇر،

بىردىنبىر يېگانىدۇر.

ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە.

قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.

28سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن،

سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، ئۇلۇغلايمەن.

29شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار،

ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.



*27پەرۋەردىگار _ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ خاس نامى بولۇپ، ئىبرانىيچە نۇسخىدا «ياھۋەھ» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى