« زىفانىيا »

3

يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ گۇناھلىرى

1ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى.

ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى.

ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى،

خۇداغا يېقىنلاشمىدى.

3ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ؛

سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.

4پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر.

روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ،

خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.

5پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، يېرۇسالېم بىلەن بىللىدۇر.

ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.

ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ،

لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ.

6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يات خەلقلەرنى يوقاتتىم،

ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سېپىل مۇنارلىرىنى گۇمران قىلدىم.

ئۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان بولدى.

ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇردۇم.

كوچىلىرىنى چۆللەشتۈرۈپ، ھېچكىمنى قالدۇرمىدىم.

7ئۇ چاغدا ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ.

شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم.

لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.»

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار،

مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار!

مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ،

ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم.

پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»

يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

9«كېيىن، پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ماڭا بىر نىيەتتە ئىبادەت قىلىپ،

بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن،

ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پاكلايمەن.

10تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ،

ماڭا ھەدىيە تەقدىم قىلىدۇ.

11ئەي خەلقىم،

ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن

نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن.

سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر.

12مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە پېقىر كىشىلەرنى قالدۇرىمەن.

ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.

13ھايات قالغان ئىسرائىللار

يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ،

يالغان سۆزلىمەيدۇ،

ئالدامچىلىق قىلمايدۇ.

ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ،

ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.»

خۇشاللىق مۇناجىتى

14ئەي سىئون قىزى* تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال!

ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم!

15پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى!

ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى.

پەرۋەردىگار _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى

سەن بىلەن بىللىدۇر،

سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.

16شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئەي سىئون، قورقما!

قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن،

17پەرۋەردىگارىڭ خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر،

ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر.

ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ.

ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ.

ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار،

سىلەرنى ئەمدى يىغىپ، نومۇستا قالدۇرمايمەن.

19شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن.

ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ،

سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن.

ئۇلارنىڭ نومۇسىنى شەرەپكە ئايلاندۇرۇپ،

نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن.

20ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ،

يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن، داڭقىڭلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن.

سىلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»



*14سىئون يېرۇسالېمدىكى تاغ بولۇپ، بۇ يەردە «سىئون قىزى» يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئوخشىتىلغان. ئۇ يەنە «يېرۇسالېم قىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى