« يوشۇۋا »

6

ئېرىخا شەھىرىنىڭ بەربات بولۇشى

1ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى. 2پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ قارا، مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 3سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن. 4يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن. 5سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.

6نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ:

_ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.

7ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ:

_ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى چۆرگىلەپ ئايلىنىڭلار.

8يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 9قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى. 10يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.» 11ئۇلار يوشۇۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر سېپىلىنى چۆرگىلەپ ئايلاندى. ئاندىن قارارگاھقا قايتىپ كېلىپ تۈنىدى.

12يوشۇۋا ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇردى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى. 13يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ئالغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىنىۋاتقاندا، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 14شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سىپىلىنى يەنە بىر قېتىم چۆرگىلەپ ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى.

15يەتتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئىسرائىللار تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈندىكىدەك شەھەر سېپىلىنى چۆرگىلەپ يۈرۈش قىلدى. ئەمما بۇ قېتىم يەتتە قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. 16يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى:

_ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىپ بەردى. 17ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تىرىك قالدۇرۇڭلار. 18سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر. 19بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋە، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.

20روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى. 21ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا-قوي، ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.

22يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلەر بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.

23ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.

24ئاندىن كېيىن ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەر ئېلىپ كېلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. 25يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى، چۈنكى ئۇ، يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاكى ھازىرغىچە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ قالدى.

26شۇندىن كېيىن يوشۇۋا قارغىش ياغىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى:

«كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن،

پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ.

كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالىدىكەن،

ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ.

كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن،

ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.»

27پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يار بولغاچقا، يوشۇۋانىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى