« يوشۇۋا »

4

ئون ئىككى ئابىدە تېشى

1پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن خەلق ئارىسىدىن ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، 3ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۇ تاشلارنى بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.»

4شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، 5ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار ھەمدە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ھەربىرىڭلار دەريادىن بىردىن تاش ئېلىپ، يۈدۈپ كېلىپ، 6بۇ تاشلار بىلەن بىر ئابىدە تىكلەڭلەر. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، 7سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە، بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.

8تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى. 9يوشۇۋامۇ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ* ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.

10پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن يوليورۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتكەنىدى. 11پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. 12رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى. 13ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40‏ مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.

14شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتكۈل ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى.

15پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

16_ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇغىن، _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى. 18پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.

19خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە* توغرا كەلدى. 20يوشۇۋا ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 12 تاشنى گىلگالدا ئابىدە قىلىپ تىكلىدى. 21يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىسا، 22سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار. 23پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈۋالغۇچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى. 24پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، ھەمدە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى.



*9ھازىرمۇ _ كىتابتىكى «ھازىرمۇ» ياكى «ھازىرغىچە» دېگەن ئىبارە بۈگۈنكى دەۋرنى ئەمەس، بەلكى شۇ تارىخىي ۋەقەلىك يېزىلىۋاتقان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

*19بۇ كۈن ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئاخىرى، 4- ئاي، ياكى 5-ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى