« يوشۇۋا »

21

لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن شەھەرلەر

1-2لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، بىز ياشايدىغان شەھەر ۋە مال-چارۋىلىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

4چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

5يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

6يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشون جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

7مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

8شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.

9-10لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ چەك چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار يەھۇدا ۋە شىمون قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرىنى ئۇلارغا ئەڭ ئالدىدا ئايرىپ بەردى: 11يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى). 12ئەمما شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالىلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بۇرۇنلا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

13شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ، 14ياتتىر، ئەشتىموۋا، 15خولون، دىبىر، 16ئايىن، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

17ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا، 18ئاناتوت ۋە ئالمون قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى. 19روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

20لاۋىي قەبىلىسىدىكى قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئايرىپ بېرىلدى. 21ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر، 22قىبزايىم ۋە بەيت-خورون شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

23ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە دان قەبىلىسىدىن ئەلتىقې، گىببىتون، 24ئاييالون، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

25ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى. 26قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.

27لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.

28ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات، 29يارمۇت ۋە ئېنگاننىمدىن ئىبارەت 4 شەھەر.

30ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون، 31خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر.

32نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر. 33شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار گېرشون جەمەتىگە ئايرىپ بېرىلدى.

34لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرىدىن مىرارى جەمەتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: يوقنىئام، قارتاھ، 35دىمناھ ۋە ناخالال قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

36رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز، 37قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

38گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم، 39خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار. 40شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى. 41ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى. 42بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.

43شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. 44پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. 45پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ ھەممىسى بىرىمۇ قالماي ئەمەلگە ئاشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى