« يوشۇۋا »

13

بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك قالغان زېمىنلار

1يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك يەنە كۆپ زېمىنلار بار. 2سىلەرنىڭ بويسۇندۇرۇشۇڭلارغا تېگىشلىك بولغان زېمىنلار يەنە بار، يەنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنى ۋە گىشۇرلارنىڭ بارلىق زېمىنىدۇر. 3بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 4سىلەر كەنئانلارنىڭ شىمالدىكى پۈتكۈل زېمىنىنى، شۇنداقلا سىدونلۇقلار تەۋەلىكىدىكى مىئارادىن تارتىپ، ئامورلار زېمىنىغا چېگراداش ئافېق شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارنىمۇ ئىگىلىشىڭلار كېرەك. 5يەنە گىبال خەلقىنىڭ زېمىنىنى، خەرمون تاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بائالگاد شەھىرىدىن تارتىپ، لىبو-خامات شەھىرىگىچە بولغان لىۋان تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى 6ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگىن. 7يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەرگىن.

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

8پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. 9ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلغان. 10بۇ زېمىنلار يەنە ئەڭ شەرقتىكى ئاممونلارنىڭ چېگراسىغا تۇتاشقان بولۇپ، سىخون پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئامورلار پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەشبون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 11ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 12يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى. 13ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ھازىرغىچە ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.

لاۋىي قەبىلىسىگە مەخسۇس زېمىن تەقسىم قىلىنمىغانلىقى

14مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا قىلىنغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.

رۇبېن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

15مۇسا پەيغەمبەر رۇبېن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 16ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان. 17ئۇ يەنە خەشبون شەھىرى ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى _ دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائالمىئون، 18ياھاز، قىدېموت، مېفائات، 19قىرياتائىم، سىبماھ ھەمدە جىلغىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان زەرەت-شاخار، 20بەيت-پىئور، پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكى، بەيت-يىشىموت دېگەن يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

21بۇ زېمىنلار يەنە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون خەشبون شەھىرىدە تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر، رەبا قاتارلىق مىديان خەلقىنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە مەغلۇپ قىلغان. بۇ قەبىلە باشلىقلىرى سىخون پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، شۇ زېمىندا ياشايتتى. 22ئىسرائىل خەلقى ئۇرۇشتا بىئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلئامنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. 23ئىئوردان دەرياسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ غەربىي پاسىلى بولدى. بۇ زېمىندىكى شەھەر ۋە يېزىلار رۇبېن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

گاد قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

24مۇسا پەيغەمبەر گاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 25ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 26بۇ زېمىنلار يەنە جەنۇبتا خەشبون شەھىرىدىن تارتىپ، راموت-مىزپەھ ۋە بىتونىم شەھىرىگىچە، شىمالدا ماخانايىم شەھىرىدىن تارتىپ، دىبىر زېمىنىگىچە، 27ئىئوردان ۋادىسىدا بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدا جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ. 28بۇ زېمىنلاردىكى شەھەر ۋە ئەتراپتىكى يېزىلار گاد قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.

ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

29مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. 30بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى 31ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىر ئەۋلادىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. 32ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىگە تەۋە بولغان بۇ زېمىنلار مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. 33ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ رىزىق-نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى