« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

30

1راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا:

_ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.

2ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ:

_ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.

3راھىلە ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.

4شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 5بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 6راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى دان [ئاھاڭ جەھەتتە «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. 7بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 8راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.

9لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتى توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. 10زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 11لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى. 12زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 13لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.

14ئورما مەزگىلىدە، لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىق كېسىلىگە شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا:

_ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى.

15لېياھ ئۇنىڭغا:

_ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

راھىلە:

_ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.

16شۇ كۈنى كۈن پاتقاندا، ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا:

_ بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى، ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، _ دېدى. شۇڭا، ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى.

17لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 18لېياھ: «خۇدا ماڭا ئەجىر قىلدى، چۈنكى مەن ئۆز دېدىكىمنى ئېرىمگە بەردىم!» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئاھاڭ جەھەتتە «ئەجىر»] دەپ قويدى.

19لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 20ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئاھاڭ جەھەتتە «سوۋغات»] دەپ قويدى. 21ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.

22كېيىن، خۇدا راھىلەنى ياد ئېتىپ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت يۈزى كۆرىدىغان قىلدى. 23ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا ئوغۇل بېرىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى. 24پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دېدى. شۇڭا، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەنە بەرسۇن»] دەپ قويدى.

ياقۇپنىڭ بېيىپ كېتىشى

25راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا:

_ ماڭا رۇخسەت قىلىڭ. ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي. 26ئايال ۋە بالا-چاقىلىرىمنى ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ. ئۇلار مېنىڭ سىزگە ئىشلەپ بەرگەن ئىش ھەققىم بولسۇن. مېنىڭ سىزگە قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، _ دېدى.

27لابان ئۇنىڭغا:

_ سەن مەندىن خۇشال بولساڭ، مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىلما. مەن ھازىر باي بولۇپ كەتتىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى سېنىڭ يېنىمدا بار بولغىنىڭدىن ئىكەنلىكىنى پال ئېچىش ئارقىلىق تونۇپ يەتتىم. 28ئېيتقىن، قانچىلىك ھەق سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك بېرىمەن، _ دېدى.

29ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مېنىڭ قانداق جان تىكىپ ئىشلىگەنلىكىم، ئەجرىم بىلەن قوي-كالىلىرىڭىزنىڭ قانداق كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۆزىڭىزگە ئايان. 30مەن كېلىشتىن ئىلگىرى، سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدە ئانچە يوق ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچە كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

31_ ئەمىسە، ساڭا نېمە بېرىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى لابان.

ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي. 32تەكلىپىم مۇنداق: بۈگۈن چارۋىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 33كەلگۈسىدە سىزگە سەمىمىيلىكىمنى مۇنداق كۆرسەتمەكچىمەن: سىز مېنىڭ ئىش ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگىنىڭىزدە، ئەگەر مېنىڭ چارۋىلىرىمنىڭ ئىچىدە تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلەلەيسىز.

34لابان:

_ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.

35بىراق شۇ كۈنى، لابان ئەسلى ياقۇپقا تېگىشلىك بولغان تاغىل ۋە چىپار ئەركەك ئۆچكىلەر بىلەن چىپار ۋە ئاق رەڭ ئارىلاشقان چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى. 36ئاندىن، ئۇ بۇ ماللارنى ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر جايغا ئېلىپ كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى باقتى.

37بۇنى بىلگەن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن كۆك شاخلارنى كېسىپ، قوۋزىقىنى تاغىل شەكىلدە، يەنى بىر يولىدا قوۋزاق بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزاق يوق قىلىپ سويدى. 38-39ئۇ بۇ شاخلارنى ماللارنىڭ ئوقۇرلىرىغا، يەنى ماللارنىڭ ئالدىغا سانجىپ قويدى. ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، شۇ يەردە جۈپلىشىپ قالاتتى. ماللار شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشسە، تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى. 40ياقۇپ ئۇلارنى قالغانلاردىن ئايرىپ قويدى. ئۇ قالغانلارنى لاباننىڭ تاغىل ۋە قارا قويلىرىغا قارىتىپ قويۇپ ئۇرۇقلاندۇردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىدى. 41ساغلام ماللار جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇرغا سانجىپ قوياتتى، ماللار شۇ شاخلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. 42لېكىن، تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، شاخلارنى سانجىمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورۇق ماللار لابانغا قېلىپ، سېمىز ماللار ياقۇپقا ئۆتتى. 43شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي پادىلىرى، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى