« نەزمىلەر شاھى »

4

1ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم،

گۈزەلدۈرسەن نېمانچە!

كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ

كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە.*

گىلاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك،

دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.

2چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان،

كەم-كۈتسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان.

3نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ،

لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك.

چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ

قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.

4بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا،

نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى.

سانسىز قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا،

باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى.

5ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك بالىسىغا،

ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.

6تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە،

چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا،

مەستەكى پۇرىقىغا تولغان دۆڭلەرگە.

7ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر،

سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر.

8ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن،

مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن،

ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن،

شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن.

9يۈرىكىمنى ئەسىر قىلدىڭ قېرىندىشىم،

لەپ قىلىپ ماڭا بىر قارىشىڭدا.

مەپتۇن قىلدىڭ كۆڭلۈمنى مەھبۇبەم،

بوينۇڭدىكى مارجىنىڭنىڭ دانىسىدا.

10ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ،

ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە.

ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.

11لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك،

خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك.

ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك،

12پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم،

ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم.

13بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان،

ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل،

14زەپەر، كولامۇس، قوۋزاقدارچىن،

ھەر خىل ئىسرىق دەرەخلەر،

مۇرمەككى، مۇئەتتەرلەر ۋە

ئەڭ ئېسىل دورا-دەرمەكلەرگە لىق تولغان.

15باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ،

ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ.

16ئويغان، ئەي شىمال شامىلى،

سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى،

ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن،

چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق.

ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا،

يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.



*1توي قىلىدىغان كۈندە قىز چۈمبەل ئارتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى