« نەزمىلەر شاھى »

3

1ئورنۇمدا يېتىپ، كېچىچە

ئىنتىزار بولدۇم ئاشىقىمغا،

لېكىن ئۇ كەلمىدى ئۆيۈمگە.

2ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى،

ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى،

ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى.

شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى.

3جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى،

سورىدىم مەن ئۇلاردىن:

_ كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟

4ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى.

قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى،

تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _

ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.

5ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى،

ئۆتۈنەي سىلەردىن،

ئويغاتماڭلار دالىدىكى ماراللار ۋە جەرەنلەرنى،

ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.

ئۈچىنچى بۆلەك: توي كۈنى

6كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ،

مۇرمەككى ۋە مەستىكىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ،

ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟

7قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر،

ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان

ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر.

8ئۇلارنىڭ ھەممىسى يانلىرىغا قىلىچ ئاسقان،

قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىشقا ماھىرلاردۇر.

كېچىدىكى تاسادىپىي تەھدىتلەرگە

ئۆتكۈر قىلىچى بىلەن تەيياردۇر.

9سۇلايمان ياساتقان بۇ تەختىراۋان،

لىۋاننىڭ كېدىرىدىن ياسىلىپتۇ.

10ئۇنىڭ خادىلىرى كۈمۈشتىن،

يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن ياسىلىپتۇ.

سۆسۈن رەختتىن سېلىنچا سېلىنىپ،

ئىچى يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن

مۇھەببەت بىلەن بېزىلىپتۇ.

11ئى يېرۇسالېم قىزلىرى،

چىقىپ قاراپ بېقىڭلار سۇلايمان پادىشاھقا!

تۇرىدۇ ئۇ، تويى بولغان، كۆڭلى شادلانغان،

ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيدۈرگەن كۈنىدىكى قىياپەتتە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى