« نەخەمىيا »

10

1مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار:

خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.

2روھانىيلاردىن:

سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا، 3پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا، 4خاتتۇش، شىبانيا، ماللۇك، 5خارىم، مىرېموت، ئوبادىيا، 6دانىيال، گىننىتون، بارۇك، 7مىشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، 8مائازيا، بىلگاي ۋە شىمايالار.

9لاۋىيلاردىن:

ئازانيانىڭ ئوغلى يېشۇۋا، خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي، قادمىئېل 10ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن شىبانيا، ھودىيا، قىلىتا، پىلايا، خانان، 11مىكا، رىخوب، خاشابيا، 12زاككۇر، شېرېبىيا، شىبانيا، 13ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار.

14ئەمەلدارلاردىن:

پارئوش، پاخات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، 15بۇننى، ئازگاد، بېباي، 16ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، 17ئاتېر، خىزكىيا، ئاززۇر، 18ھودىيا، خاشۇم، بېساي، 19خارىف، ئاناتوت، نېباي، 20ماگپىئاش، مىشۇللام، خېزىر، 21مىشېزابئېل، زادوق، ياددۇئا، 22پىلاتيا، خانان، ئانايا، 23ھوشىيا، ھانانيا، خاششۇب، 24ھاللوھېش، پىلخا، شوبېق، 25رىخۇم، خاشابنا، مائاسېيا، 26ئاخىيا، خانان، ئانان، 27ماللۇك، خارىم ۋە بائانالار.

ۋەدىنامىنىڭ مەزمۇنى

28قالغان خەلقلەردىن، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى، خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىننىڭ يات خەلقلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللىرى 29ئۆزلىرىنىڭ يۇرت باشلىرى بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا كېتىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ۋە قائىدە-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:

30«بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز. 31ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىپ سودا-سېتىق قىلسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز.

32بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گرامدىن كۈمۈش بېرىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. 33بۇ خىراجەت خۇداغا ئاتالغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، دەم ئېلىش كۈنى، ھىلال ئاي ھەم بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

34بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى ھەر يىلى قايسى جەمەتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.

35بىز ھەر يىلى تۇنجى پىشقان ئاشلىق بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. 36تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ كېلىمىز* . 37بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ھەم باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ. 38لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، يىغقانلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. 39ئىسرائىللار ۋە لاۋىيلار ھەدىيە قىلغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ سايمانلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»



*36تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى ئەركەك مال-ۋارانلار خۇداغا مەنسۇپ بولىدۇ. ماللار قۇربانلىق سۈپىتىدە ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. تۇنجى ئوغۇل بەدىلىگە قوي قۇربانلىق قىلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى