« ئەزرا »

5

1ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. 2شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى يەنە قايتىدىن باشلىدى. ئۇشبۇ ئىككى پەيغەمبەر ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.

3فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن:

_ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.

4ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى. 5لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى دارىئوس پادىشاھقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.

تاتتىنايلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى

6فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە خىزمەتداش ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:

7«دارىئوس پادىشاھ ئالىيلىرىغا سالام!

8ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ. 9بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق. 10ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق. 11ئۇلار جاۋابەن:

‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققان. 12ئەجدادلىرىمىز ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ سابىق پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. 13لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. 14كورەش پادىشاھ ھەتتا نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. كورەش پادىشاھ ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 15پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 16شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى ئورناتتى. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى.› دېدى.

17شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا تەزكىرىسىنى ئىزدىنىپ باققايلا. كورەش پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەيلا.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى