« ئەزرا »

4

ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى

1يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 2شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. _ دېيىشتى.

3زىرۇببابەل، يېشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا:

_ سىلەر خۇدايىمىزغا ئاتىغان بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ئارىلىشالمايسىلەر! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋاەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى نائۈمىدتە قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى. 5ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.

يەھۇدىيلارغا بولغان كېيىنكى توسقۇنلۇق

6نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن* ، ئاخاشۋېروش پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى.

7يىللار ئۆتۈپ ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار پېرسىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئارامى تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.

8رىخۇم قوماندان ۋە شىمشاي پۈتۈكچىمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئارتاخشاستى پادىشاھقا مەكتۇپ يازدى. 9مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى، ئۇلارنىڭ باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پارسلار، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامدىكى سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر، 10ئۇلۇغ ۋە شانلىق ئوسناپپار پادىشاھ تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشىغان خەلقلەر. 11مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

«ئارتاخشاستى پادىشاھقا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن سالام! 12ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرىپىدىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا. 13ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ. 14بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرى نامىغا داغ كەلتۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق. 15ئالىيلىرىنىڭ سابىق پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان. 16ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»

17پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىڭلارغا سالام! 18سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم. 19تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىقلارنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن. 20قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغان ھەم ئۇلاردىن ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. 21شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاكى مەن ئەمر قىلغۇچە، ئۇ شەھەرنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشىنى توسۇڭلار. 22ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!»

23رىخۇم، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە قايتىدىن باشلىنىشى

24خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيىتىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى.



*6يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان 6-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە بولغان مەزمۇن تەخمىنەن يۈز يىلدىن كېيىنكى يېرۇسالېم شەھەر سېپىلىنىڭ بىنا قىلىنىشىدىكى توسقۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى