« دانىيال »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «دانىيال» قىسمىنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچى بۆلىكىدە (1-بابتىن 6-بابقىچە) ياراتقۇچى خۇدانىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەھۇدىيەدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان تۆت ياش يىگىتنى قانداق قوغدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ياش يىگىت دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئۆزلىرىنىڭ خۇداغا بولغان يۈكسەك ساداقىتىنى نامايان قىلغاندا، خۇدا ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ. خۇدانىڭ دانىيالغا چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلىشى، ئۇنى بابىل ئىمپېرىيەسىدە، كېيىنچە بولسا پېرسىيە ئىمپېرىيەسىدە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئىككىنچى بۆلىكىدە (7‏-بابتىن 12-بابقىچە) خۇدادىن دانىيالغا كەلگەن ۋەھىيلەر ۋە پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ چۈشلىرىگە بېرىلگەن تەبىرلەر بايان قىلىنغان. بۇ ۋەھىيلەردىن يېقىن شەرق رايونىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى، يەنى بابىل ۋە پېرسىيە ئىمپېرىيەلىرى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاجاۋۇزى ۋە مىسىردىكى پىتولىمىلار بىلەن سۈرىيەدىكى سىللوگلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. ۋەھىيلەر يەنە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 167-يىلى يېرۇسالېم ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىغان سىللوگلارنىڭ ئىمپېراتورى _ تەكەببۇر ھۆكۈمران ئانتىگو IV ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئانتىگو IV قىلغان بۇ ئىشلار يەھۇدىيەدىكى ماككابىلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ يەھۇدىيلارنى خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرۇپ، ئىبادىتىنى قايتىدىن باشلاشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ.

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «دانىيال» قىسمىدىكى ۋەھىيلەر زامان ئاخىرىدا خۇدانىڭ خەلقى بىلەن ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان كەسكىن توقۇنۇشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بەرگەن، دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ھەر خىل زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بېرىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئاخىرى ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

تېزىس:

  1. دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى (1-بابتىن 6-بابقىچە)
  2. دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىيلىرى (7-بابتىن 12-بابقىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى