« چۆلدە »

9

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى

1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا* پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:

2_ ئىسرائىل خەلقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزسۇن. 3مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. 51-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى.

6بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ:

7_ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

8مۇسا ئۇلارغا:

_ مۇشۇ يەردە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە يوليورۇقى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

10_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغان ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغان كىشىلەر بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن. 11بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن. 12ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. 13ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى. 14ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.»

خەلقنى يېتەكلەيدىغان بۇلۇت

15ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. 16بۇ ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. كۈندۈزى چېدىرنى بۇلۇت قاپلىۋالاتتى، كېچىسى بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. 17ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 18ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇراتتى. 19بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى. 20بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. 21بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى. 22ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى. 23ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.



*11-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى