« چۆلدە »

23

بىلئامنىڭ بىرىنچى بايانى

1بىلئام بالاققا:

_ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.

2بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 3ئاندىن بىلئام بالاققا:

_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.

4خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا:

_ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىگە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يەنە:

_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى.

6بىلئام قايتىپ بارغاندا، بالاق موئابنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. 7بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى،

ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى.

ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن،

ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.

8لېكىن خۇدا قارغىمىسا،

مەن قانداق قارغىيالايمەن؟

پەرۋەردىگار لەنەتلىمىسە،

مەن قانداق لەنەتلىيەلەيمەن؟

9مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم،

ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم.

ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر،

ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ.

10ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك،

كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟

كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟

مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي،

ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.»

11بالاق بىلئامغا:

_ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى.

12بىلئام مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار ماڭا دېگىن، دەپ بۇيرۇغان سۆزلەرنى دېمەسلىكىمگە نېمە ھەددىم؟

بىلئامنىڭ ئىككىنچى بايانى

13بالاق مۇنداق دېدى:

_ يۈرۈڭ، مەن بىلەن باشقا يەرگە بېرىڭ. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسىز. سىز شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاڭ.

14ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 15بىلئام بالاققا:

_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.

16پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى:

_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن.

17بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.

بالاق:

_ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.

18بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا،

ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.

19خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس،

خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس.

ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس،

ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.

20بەخت تىلەشكە ئەمر ئالدىم،

ئۇ تىلىگەن بەختنى مەن ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىم يوق.

21ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس،

ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس.

ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر،

ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.

22خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،

ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.

23ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ،

ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ.

ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ:

‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.

24بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدىكەن،

خۇددى ئەركەك شىردەك سەكرىيەلەيدىكەن،

ئولجىسىنى يېمىگۈچە بولدى قىلمايدىكەن،

ئولجىسىنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە ئارام ئالمايدىكەن.»

25بالاق بىلئامغا:

_ سەن ئۇلارنى قارغىمىساڭ مەيلى، ئەمما ئۇلارغا بەخت تىلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، _ دېدى.

26بىلئام جاۋاب بېرىپ:

_ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.

27بالاق:

_ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى.

28ئۇ بىلئامنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىئور چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى. 29بىلئام بالاققا:

_ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.

30بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار تەييارلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى