« چۆلدە »

20

مۇسانىڭ تاشتىن سۇ چىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەنلىكى

1ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا* يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.

2ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى. 3ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى:

_ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! 4سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟ 5نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق!

6مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى.

7پەرۋەردىگار مۇساغا:

8_ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

9مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىن تايىقىنى ئالدى. 10ئۇ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى. مۇسا ئۇلارغا:

_ ئەي ئىسيانچىلار، ئەجەبا سىلەرگە قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.

11ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى. 12لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:

_ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى.

13بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.

ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئىسرائىللارغا يول بەرمەسلىكى

14مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز. 15بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى. 16لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز. 17بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايسىز. بىز ئېتىزلىقىڭىزدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدىن ئۆتمەيمىز ياكى قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە خانلىق يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز.›»

18لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.

19ئىسرائىللار:

_ بىز پەقەتلا چوڭ يولدا ماڭىمىز. ئەگەر سۈيۈڭلارنى بىز ياكى چارۋىلىرىمىز ئىچسە، ھەققىنى تۆلەيمىز. بىز پەقەت پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشنىلا سورايمىز، _ دېدى.

20ئىدوم پادىشاھى:

_ سىلەر ئۆتمەيسىلەر، _ دېدى.

ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى. 21ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى.

ھارۇننىڭ ۋاپات بولۇشى

22ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن جامائىتى كادېشتىن چىقىپ ھور تېغىغا كەلدى. 23ئىدوم چېگراسىدىكى ھور تېغىدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

24_ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار. 25ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن. 26ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.

27مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. 28مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى. 29پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى.



*1بۇ ۋاقىت ئىسرائىللارنىڭ چۆللۈكتىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، مۇساپىرلىقنىڭ 40-يىلى ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى