« چۆلدە »

18

لاۋىيلار ۋە روھانىيلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

1پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

_ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.

2سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار. 3ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر. 4ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ. 5سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار. 6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم.

7قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.

روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى

8پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

_ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ قانۇن مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.

9ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر. 10بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلسۇن.

11ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قائىدىدۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.

12ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم. 13ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ. 14ئىسرائىللار ماڭا ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.

15ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن. 16ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، كىشى بېشىغا بەش كۈمۈش تەڭگە قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.

17ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا سېپىلىپ، مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا خۇش پۇراقلىق ھەدىيە بولسۇن. 18ئۇلارنىڭ گۆشى، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە ئوڭ يوتا گۆش ھەدىيەلىرىگە ئوخشاش، ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.

19ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ مەڭگۈلۈك قائىدىدۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزىدىغان، بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.

لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى

20پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن. 21لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم. 22گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. 23پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قائىدىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ. 24چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم.

لاۋىيلارنىڭ ھەدىيە بېرىشى

25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

26_ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار. 27مەن سىلەرنىڭ ھەدىيەڭلەرنى ئىسرائىللارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقى، شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىدەك قوبۇل قىلىمەن. 28سىلەر ئىسرائىللارنىڭ تەقدىم قىلغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى ماڭا تەقدىم قىلىڭلار. ماڭا بېغىشلىغان بۇ ھەدىيەنى روھانىي ھارۇنغا تاپشۇرۇڭلار. 29سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.»

30لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن. 31قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر. 32سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى