« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

8

داۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى

1مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 2ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ئۈچ قاتار بولۇپ يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئىككى قاتاردىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قاتاردىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.

3زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان باشقۇرۇشىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. 4داۋۇت ئۇنىڭدىن 1700 ئاتلىق لەشكەر، 20 مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.

5دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. 7داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. 8داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. 9خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ 10ئوغلى يورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئالغاچ باردى. 11-12داۋۇت پادىشاھ بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەر، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.

13داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى.* 14ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى، داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.

داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى

15داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى.

16مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 17ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي* ، سىرايا پۈتۈكچى، 18يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.



*13يەنە بىر خىل تەرجىمىسى _ «داۋۇت سۈرىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلىپ قايتتى. ئاندىن ئۇ تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ناھايىتى داڭ چىقاردى.»

*17يەنە بىر خىل تەرجىمىسى _ «زادوق بىلەن ئەبىياتارنى (ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ۋە ئاخىتۇبنىڭ نەۋرىسى) روھانىي.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى