« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

21

يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە

1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. 2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا يوقىتىۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە خۇددى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى. 6ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق قىلىش، داخان ۋە باخشىلاردىن ياردەم سوراشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن. 8ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن پۈتۈن قانۇنغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى بەجا كەلتۈرسە، مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى. 9لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.

10شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: 11«يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يامان ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، 12مەن پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا ۋە يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا ياغدۇرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ. 13مەن سامارىيە ۋە ئاخاب پادىشاھ جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن. 14مەن ئۆز خەلقىم ئىچىدىكى ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ. 15چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى›».

16ماناسسەنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەن گۇناھىدىن باشقا، ئۇ يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە يەرنى قان بىلەن بويىدى. 17ماناسسە پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 18ماناسسە ئۆلۈپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززانىڭ بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئامون

19ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى. 20ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 21ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا ماڭدى. ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 22ئۇ پەرۋەردىگارنى _ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تەرك ئەتتى، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتمىدى.

23ئاموننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 24لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 25ئامون پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 26ئۇ ئۇززانىڭ بېغىدىكى ئۆزىگە تەييارلىغان قەبرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوشىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى