« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

14

يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا

1يىھوئاخازنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. 3ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ، 4لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

5ئامازيا پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. 6لېكىن قاتىللارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى يازمىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

7ئامازيا تۇز جىلغىسىدا ئون مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. سەلا شەھىرىنى جەڭ قىلىپ ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېلغا ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئامازيانىڭ يىھوئاش بىلەن جەڭ قىلىشى

8شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ:

_ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى:

_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن، كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى چەيلىۋېتىپتۇ. 10شۇنداق، سىز ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبتىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىڭىز. ئەمدى نەتىجىڭىزدىن ماختىنىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟

11لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. 12يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 13ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم» دەرۋازىسىدىن «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. 14ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملارنى ھەم گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى.

15يىھوئاش پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئامازياغا سۇيىقەست قىلىنىشى

17يىھوئاخازنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. 18ئامازيا پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

19يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 20ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

21پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 22ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن ياسىدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II

23يوئاشنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

25ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى، ئامىتتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.* 26چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەدىكى قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىممۇ قالمىغانىدى. 27پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغاچقا، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى.

28پادىشاھ ياروبئام IIنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن بۇرۇن داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قانداق قىلىپ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29ياروبئام ۋاپات بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى زىكىرىيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.



*25ئۆلۈك دېڭىز _ ئىبرانىي تىلىدا بەزى يەرلەردە «ئارابا دېڭىزى» دەپمۇ ئاتالغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى