« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

12

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زەبىيە ئىدى. 2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا، ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى

4يوئاش روھانىيلارغا مۇنداق دېگەنىدى:

_ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.* 5سىلەر روھانىيلار تەقدىم قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار.

6لېكىن يوئاش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى. 7شۇ سەۋەبتىن پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ شۇڭا تەقدىم قىلغۇچىلاردىن توپلىنىدىغان پۇللارنى ئەمدى سىلەر ساقلىماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى.

8روھانىيلار خەلقتىن توپلانغان پۇللارنى ساقلاش ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا مەسئۇل بولماسلىققا ماقۇل بولدى. 9باش روھانىي يىھويادا بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويدى. مۇھاپىزەتچى روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى شۇ ساندۇققا سالىدىغان بولدى. 10ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى. 11ئۇلار ساناپ چىقىلغان پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇراتتى. ئاندىن نازارەتچىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ياغاچچىلار، قۇرۇلۇشچىلار، 12تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلەيتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بارلىق بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى. 13لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي، 14بۇ پۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بېرىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشقا ئىشلىتىلەتتى. 15ئىشچىلارغا ئىش ھەققى بېرىش ئۈچۈن نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلاتتى. 16لېكىن ئەيىبنى يۇيۇش ئۈچۈن ۋە گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقلارنىڭ پۇلى ئىبادەتخانىغا بېرىلمەيتتى، ئۇلار روھانىيلارغا تەۋە ئىدى.

يوئاشنىڭ يېرۇسالېمنى ساقلاپ قىلىشى

17ئۇ چاغلاردا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى. 18يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيالار ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتىپ بەردى. ئاندىن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.

19يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى. 21ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.



*4«تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 30-باب 11-ئايەتتىن 16 ئايەتكىچە، «تەۋرات. لاۋىيلار» 27-باب 1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە ۋە «تەۋرات. لاۋىيلار» 22-باب 18-ئايەتكە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى