« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

23

لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى

1داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 2داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى، روھانىيلىرى ۋە لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. 3ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتتۇز ياشتىن يۇقىرىلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ نەپەر ئەر چىقتى. 4داۋۇت بۇلارنىڭ ئىچىدىن 24 مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. 5يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى ياساتقۇزغان چالغۇلارنى چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى. 6داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشون، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.

گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى

7گېرشوننىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 8لاداننىڭ چوڭ ئوغلى يىخىئېل ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا زېتام ۋە يوئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 9ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.

شىمئىنىڭ شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 10شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 11ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى.

قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى

12قوھاتنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.

13ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا دۇئا قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى. 14خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.

15مۇسانىڭ گېرشون ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

16گېرشوننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى.

17ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.

18قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.

19قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.

20قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى.

مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى

21مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.

ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 22ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، ئۇنىڭ پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.

23مۇشىنىڭ ماخلى، ئەدەر، يىرېموت دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

24مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئومۇمەن 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلغانىدى. 25داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ. 26شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى لاۋىيلارنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس.» 27داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى.

28لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىش ئىدى. 29ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى، پېتىر نانلارنى ۋە چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى. 30ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانا ئوقۇشى كېرەك ئىدى. 31دېمەك ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ياكى باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇشى كېرەك ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ سانى ئىبادەتخانىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت ئىدى.

32لاۋىيلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى