« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

21

داۋۇتنىڭ لەشكەرلەرنى رويخەتكە ئېلىشى

1شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى. 2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ:

_ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ، مەلۇمات ئېلىپ كېلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى.

3ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن:

_ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارغا گۇناھ ئارتىلا؟ _ دەپ سورىدى.

4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 5يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىكەن.

6بىراق يوئاب لاۋىي بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىنى بۇ سانغا كىرگۈزمىگەنىدى، چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى

7ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى. 8داۋۇت خۇداغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى.

9پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا مۇنداق دېدى:

10_ سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن «مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن».

11شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

_ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا. 12ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ ئاي دۈشمەنلىرى ئالدىدا قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا ئۈچ كۈن تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ بارسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك؟

13داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.

14شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا تارقاتتى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 15خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە:

_ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى.

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.

16داۋۇت يۇقىرىغا قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن ھالدا يەرگە باش قويدى. 17داۋۇت خۇداغا:

_ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغان مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن! _ دېدى.

داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى

18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا:

_ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

19داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. 20ئاراۋنا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى خامان ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئاراۋنانىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى. 21ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 22داۋۇت ئاراۋناغا:

_ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇ خامىنىڭىزنى ماڭا ئۆز باھاسى بويىچە سېتىپ بېرىڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.

23_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. مانا، مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، _ دېدى ئاراۋنا.

24_ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭكىنى ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئاراۋناغا.

25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئاراۋنانىڭ خامىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتە يۈز ئالتۇن تەڭگە تۆلەپ بەردى.

26داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى. 27شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى.

28ئۇ چاغدا داۋۇت يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا ئۆزىنىڭ دۇئالىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق قىلدى. 29بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى. 30لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى