« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

12

داۋۇتقا قوشۇلغان باھادىرلار

1داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇل پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاقتا مۆكۈنۈۋالغاندا، داۋۇتنىڭ جەڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باھادىرلاردىن بىر تۈركۈم ئادەملەر كېلىشتى. 2ئۇلار ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر بولغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن ئىدى. 3ئۇلارنىڭ بېشى بولغان ئاخىئەزەر ۋە يوئاشلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

ئۇلاردىن كېيىن ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى يىزىئېل بىلەن پەلەت، بىراكا، ئاناتوتلۇق يېھۇ ۋە 4گىبئونلۇق يىشمايا ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز باھادىر» جەڭچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.

يەنە يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد،

5ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا،

6كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر بىلەن ياشوبئام،

7يەنە گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى يوئېلا بىلەن زىباديا بار ئىدى.

8گاد قەبىلىسىدىن ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ قاقاسلىقتىكى غارىغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى شىرغا، يۈگۈرۈشى گويا تاغ ئۈستىدىكى جەرەنگە ئوخشايتتى.

9ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر،

ئىككىنچىسى ئوبادىيا،

ئۈچىنچىسى ئەلىئاب،

10تۆتىنچىسى مىشماننا،

بەشىنچىسى يەرەمىيا،

11ئالتىنچىسى ئاتتاي،

يەتتىنچىسى ئەلىئېل،

12سەككىزىنچىسى يوخانان،

توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،

13ئونىنچىسى يەرەمىيا،

ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.

14بۇ گاد قەبىلىسىدىن بولغانلار قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاجىزلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ كۈچلۈكلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى. 15ئەتىيازدا ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەنلەر دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى.

16بىنيامىن بىلەن يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردا تۇرىدىغان داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 17داۋۇت سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى، ھەمدە:

_ سىلەر ئەگەر تىنچلىق ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بۇنى كۆرۈپ ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى.

18شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي:

_ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغانلارغىمۇ تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ باشلىقلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

19داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ بەزىلىرى داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن ئاخىردا فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى مەسلىھەتلىشىپ: «ئەگەر داۋۇت ئۆز غوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈۋالسا، بېشىمىز كېتىدۇ!» دەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى.)

20داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا ماناسسە قەبىلىسىدىن قوشۇلۇۋالغانلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭباشلىرى ئىدى. 21ئۇلار داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلار كېيىن داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى. 22داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.

23پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە قىلغىنى بويىچە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلماق بولۇپ، ھىبرونغا كەلگەن قوراللىق لەشكەرنىڭ سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

24يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 800‏6 جەڭچى.

25شىمون قەبىلىسىدىن 100‏7 باتۇر جەڭچى.

26لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى بولۇپ، 27ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇنلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى شۇنداقلا 28ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردىمۇ بار ئىدى.

29بىنيامىن قەبىلىسىدىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى.

30ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابرۇي تاپقان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.

31ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى. ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى.

32ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.

33زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى. ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى.

34نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى.

35دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى.

36ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.

37ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى.

38يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىش ئۈچۈن بىر نىيەتتە بولۇپ، سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى. 39ئۇلار شۇ يەردە قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى. 40قېرىنداشلىرى، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىپ، يەنى زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى