« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

20

يوناتاننىڭ داۋۇتقا ياردەم بېرىشى

1داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭنىڭ ئالدىدا جېنىمنى ئالغۇدەك نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.

2_ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي قىلمايدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرمايدۇ، سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى يوناتان.

3داۋۇت قەسەم قىلىپ:

_ ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ قايغۇرۇپ كېتىدۇ» دەپ، ئويلىغان گەپ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە بىر قەدەملا يېقىنلىقتا تۇرىمەن، _ دېدى.

4يوناتان داۋۇتقا:

_ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېگەنىدى، 5داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولۇشۇم كېرەك، لېكىن سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن. 6مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت يالۋۇرۇپ ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە چاققان بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزەتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن. 7ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە قەتئىي كەلگەن بولىدۇ. 8پەرۋەردىگار ئالدىدا تۈزگەن دوستلىشىش ھەققىدىكى ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ تۇرغايسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەت.

9_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالسام، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟

10_ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا غەزەپتە جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت يوناتانغا.

11_ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى.

12_ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نېمە نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىقىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن. 13ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولۇپ، لېكىن مەن سېنى خەۋەردار قىلىپ، ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم بەرمىسەم، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن! 14پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، 15پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق ئەۋلادلىرىڭنى* يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە 16داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى.

يوناتان يەنە:

_ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.

17يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ۋەدە قىلدۇردى.

18يوناتان داۋۇتقا:

_ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالسا، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ بىلىنىپ قالىدۇ. 19ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن. 20مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى قارىغا ئاتقاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتىمەن. 21ئاندىن مەن خىزمەتچى بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ بۇ تەرىپىڭدە، ئۇلارنى ئەكەل» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ؛ 22ئەگەر مەن خىزمەتچى بالىغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدە» دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. 23بىر-بىرىمىزگە قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى.

24شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا چىقىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى 25ۋە ئادەت بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى. 26لېكىن شۇ كۈنى پادىشاھ ھېچنېمە دېمەي: «ئۇ بىر ئىش قىلىپ ناپاك بولۇپ قالغاندۇ... چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى. 27يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن:

_ يىشاينىڭ ئوغلىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟ _ دەپ سورىدى.

28يوناتان مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ داۋۇت «بەيتلەھەمگە بارسام» دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇرغانىدى. 29ئۇ، «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشكىلى ئىجازەت بەرگىن» دەپ، ماڭا يېلىنغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى. 30بۇ چاغدا سائۇل يوناتانغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:

_ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دېمە، سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن. 31يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، نە ئۆزۈڭ، نە پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل. ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.

32_ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا.

33سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. 34يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى، ھەم ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەمكىن بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى.

35يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا چىقتى.

36_ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تاپ، _ دېدى يوناتان بالىغا. بالا يۈگۈرۈپ كېتىۋىدى، يوناتان يا ئوقىنى بالا كېتىۋاتقان يەرنىڭ نېرىسىغا ئاتتى. 37بالا يوناتان يا ئوقىنى ئاتقان يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا:

_ يا ئوقى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدىغۇ؟ 38تېز يۈگۈر، توختاپ قالما! _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى. 39بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى. 40يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:

_ بۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.

41بالا كەتكەندىن كېيىن داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ مەرتەم تەزىم قىلدى. ئىككىسى سۆيۈشۈپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

42_ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «بىر-بىرىمىزگە قىلغان قەسىمىمىزگە تاكى ئەۋلادلىرىمىزغىچە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن تىنچ-ئامان يولۇڭغا ماڭ! _ دېدى يوناتان داۋۇتقا.

شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.



*15نۇرغۇن تەرجىمىلەردە «داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى» سىپايىلەشتۈرۈلۈپ «داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرى» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى