ئار-نومۇس

« زەبۇر » 35- مۇناجات

26كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار،

غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي.

مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار،

رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

5ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان،

ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

18تەربىيىنى رەت قىلغۇچى نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار،

تەنبىھنى قوبۇل قىلغۇچى ئىززەتكە ئىگە بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

13سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى،

چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

15تاياق ۋە تەنبىھ ئەقىل تاپقۇزار بالىغا،

ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئۇيات كەلتۈرەر ئانىسىغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

38بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 5- باب

41ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

16بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 1- باب

27لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 4- باب

2ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

1-2ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش ۋەدىسىنى جاكارلاش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

16لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ ياخشىسىغا، يەنى ئەرشتىكى ماكانىغا تەلپۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. خۇدانىڭ ئەرشتە ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

2كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

16بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

16لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

28دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى