سوئال

«مەن يېتىم بالا بولغاچقا، مەكتەپتىكى بالىلار مېنى داۋاملىق زاڭلىق قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا يېتىم-يېسىرلار توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟»

زەبۇر، 68-مۇناجات

4خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار،

«مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى.

ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.

5ئاتا بولغان يېتىملارغا،

ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا،

ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.

[داۋامى]

زەبۇر، 146-مۇناجات

6ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى،

دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى،

ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.

7يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا،

رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا،

ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.

8ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى،

رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.

9قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى،

قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى.

لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ياقۇپ يازغان خەت» 1-باب

27خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.

[داۋامى]

تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش» 22-باب

22تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارنى خورلىما. 23ئەگەر سەن ئۇلارنى خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،

[داۋامى]

زەبۇر، 10-مۇناجات

12ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى،

ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.

13نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى،

نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»

14بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى،

ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا.

تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى،

ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا.

پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا،

ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.

15سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى،

رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى.

16مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار،

يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.

17ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە،

قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە.

كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.

18قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى،

پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر